ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: ''يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدا ئاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ'' دىدى.
                                 ئىنجىل، يۇھاننا 14-باپ: 6-7-ئايەت

         ھەزرىتى ئەيسا كىم؟
         يۇقۇرقى ئايەتلەردە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزى، بۇ سوئالغا ناھايىتى ئېنىق جاۋاپ بەرگەن.
         شۇنداق، ھەزرىتى ئەيسا، بەزىلەر ئېيتقاندەك مەلۇم بىر دىنى داھى ئەمەس، ياكى پەيغەمبەرلەرنىڭ بىرىمۇ ئەمەس،بەلكى، ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن ئىنسانىيەت مېڭىشقا تېگىشلىك بولغان يول. پۈتۈن ئىنسانىيەت تونۇشقا، ھىمايە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھەقىقەت. پۈتۈن ئىنسانىيەت ئېھتىياجلىق بولغان ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى.مانا بۇ يولدا ماڭماي تۇرۇپ كىشى ھاياتلىقنىڭ مەنزىلى، مەركىزى بولغان  ئەنە شۇ ئىگىمىز، ياراتقۇچىمىزنىڭ ئالدىغا بارالمايدۇ.مانا بۇ ھەقىقەتنى تونۇماي تۇرۇپ، كىشى گۇناھ كىشىنىدىن قۇتۇلۇپ، خۇدا ئالدىدا ھەققانى ئادەم بولالمايدۇ. مانا بۇ ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بىلەن باغانماي تۇرۇپ كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا، ئەنە شۇ جەننەت ھاياتىغا ئەسلا ئېرىشەلمەيدۇ.
         بىزنىڭ بۇ تور بېتىمىز بولسا، دەل مانا بۇ ئەيسانى---پەرۋەردىگارىمىز، ئىگىمىز خۇدانىڭ، مانا بۇ ھەزرىتى ئەيسا ئارقىلىق بىز ئۇچۇن ئاچقان يېڭى ھايات يولىنى تونۇشتۇرىدىغان ئورۇندۇر.
         ئەنە شۇ ئىگىمىزنىڭ مۇقەددەس روھى، ھەقىقەت، ھاياتلىق يولىدا--خۇدا يولىدا  ئىزدىنىۋاتقان قەلب كۆزلەرنى يورۇتقاي! ئامىن

Your mobile device may not support audio and video on this website unless it supports Adobe Flash Player. Instead, please use a computer to see the video or listen to the audio.